-


نىمىشقىكىن شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن ئىزتىراپ چېكىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم ، مۇھەببەت ھەقىقەتەن ئازاپمۇ؟
قاراپ باقسام كۆپىنچە ھاللاردا ، ئەرلەرمۇھەببەتتە ۋاپاسزلىق ساداقەتسىزلىك قىلغاننىڭ رولىنى ئالىدىكەن، مۇھەببەت ئۈچۈن نارازى بۇلۇپ ئاغرىنىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ئىكەن . ئەمىلىيەتتە ، مۇھەببەت جەريانىدا چارچاش ، يارىلىنىش بۇلىدۇ .. بۇ ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ياخشى ئادەمگە ئۇچرىيالمىغىنىڭىز ئەمەس ، ئەكسىچە ئۆزىڭىز يېتەرلىك ياخشى قىلالمىغان .
ھەممە ئادەم ھاياتىدا ھەقىقى ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ، بىر ئۆمۈر بىرگە ياشايدىغان ئادەمگە ئۇچراشنى ئۈمۈد قىلىدۇ . ھېچقانداق ئادەم ئۆزى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە ئازار بېرىشنى خالىمايدۇ .
ئەقىللىق ئاياللار شۇنى بىلىش كېرەككى: بەزى ۋاقىتلاردىكى ئەركىلەش ۋە جاھىللىقنى ، تەتۈرلۈكنى چۈشىنىشكە ۋە ئەپۇ قىلىشقا بۇلىدۇ . لېكىن ھەر قانداق بىر ئەركىشى ئۇزۇن ۋاقىت ئايالىنىڭ قالايمىقان تەتۈرلۈكىنى سىغدۇرالمايدۇ . ئەگەر ئەر سىزدىن ئايرىلسا ، ھېچنىمىدىن ئاغرىنماڭ ، سىلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خۇشاللىق ۋاقىتلىرىڭىزنى ئويلاڭ،ئايرىلغان ۋاقتىڭىزنى ئويلاڭ، ئۆزىڭىزنى ۋە ئۇنى ئويلاڭ..
سىزئۆزىڭىزنى مەن ياخشى قىلالماپتىمەن ، مېنىڭ قىلغىنىم يېتەرلىك بولماپتۇ دەپ ئويلىسىڭىزلا ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن سىزنىڭ قېشىڭىزدا داۋاملىق قالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقالايسىز..
ئەگەر سىز ھەممە جەھەتتىن ياخشى ، يېتەرلىك قىلغان بولسىڭىز ، ئۇ سىزدىن ئايرىلمىغان بۇلاتتى،،،
ئەگەردە ئۇ سىزگە ئاسىيلىق قىلغان تەغدىردىمۇ، ئۇ ئىچىدە چوڭقۇر سىزدىن خىجىل بۇلۇپ يۈرەتتى،،،چۈنكى سىز ئۇنىڭغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئەمەسمۇ؟!
ئەر كىشى بەزى ۋاقىتلاردا ناھايتتى ئاجىز كەلگەن بۇلىدۇ ،،ئۇلار ئالدىراپ كۆز يېشى قىلمايدۇ،،ئەمما ئۇلارمۇ ئازاپلانغان، كۆڭلى يېرىم بولغان ۋاقىتلاردا تەسەللىيگە مۇھتاج بولغان بۇلۇپ، بىرەرسىنىڭ ئۆزىگە ھەمرا بۇلۇشنى ئۈمۈد قىلىدۇ..
ئەگەر ئۇ قەلبىدىكى ئىچ سىقىلىشنى باشقىلارغا دېيىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ سىزگە دېيىشنى ئويلىمىغان بولسا ، بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدىكى قىز دوستى بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىز ھەقىقەتەن ياخشى، يېتەرلىك قىلالمىغان بولىسىز،،
ئەر كىشى كۈچىنىڭ بارىچە ئۆزى سۆيگەن ئادەمنى قوغداشنى ، ئاسراشنى بىلىدۇ،،چۈنكى بۇ ئۇنىڭ مەسئۇلىيتى ،،
ئايال كىشىمۇ ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان بۇلۇشى كېرەك،، ئەمىلىيەتتە سىز ھېچنىمە قىلمىسىڭىزمۇ، پەقەت بولمىغاندا ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئازابىنى يېنىكلتىشنى بولسىمۇ ئۈستىڭىزگە ئېلىشىڭىز كېرەك..
ئەر كىشى ئاياللارنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى ۋە ئوماقلىقىنى ياخشى كۆرىدۇ ،،ھەتتا ياۋايى مېجەزىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ،، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئاياللارنىڭ مۇلايىملىقىنىمۇ ، ئاق كۆڭۈللۈكىنىمۇ ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئاياللارنىمۇ قەۋەتلا ياخشى كۆرىدۇ ،،
ئەرلەرمۇ ئاياللارنىڭ ئۆزى بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرىنى ئۆزى بىلە تەڭ ئۈستىگە ئېلىشنى ئۈمۈد قىلىدۇ ،،
مۇھەببەتتە، سەن ئۇنداق قىلىشىڭ كېرەك، مەن بۇنداق قىلىشىم كېرەك دەيدىغان ئىش يوق، ھېچقانداق قانۇندا ئەرلەر ئەگەر يېتەرلىك پۇل تاپسىلا ، ئايالىغا خەجلەشكە بېرىدۇ دەيدىغان گەپ يوق،، ئەمىلىيەتتە كۆپلىگەن ئەرلەر مۇشۇنداق قىلىدۇ ،، ئەنئەنىۋى قائىدە بۇيىچە ئاياللار ئەسلى ، ئائىلە ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئىش بار ئىدى ،، ئەمىلىيەتتە ئويلاپ باقىدىغان كەلسەك ، بەزى ئەرلەر ئايالى ئۈچۈن ئاشخانىغا كىرىپ تاماق ئېتىدۇ ،،
مۇھەببەتتەھەر ئىككى تەرەپ مەسئۇلىيەتچان بۇلۇش كېرەك،،، ئەر كىشى ۋاز كەچكەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ مۇھەببەت جەريانىدا قاتتىق چارچىغان، ياخشى كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك قاتتىق ھارغان ، ئايالىدىن قاتتىق ئۈمۈدسىزلەنگەن بۇلىدۇ ،،
ئۇچرىشىش بولسا تەغدىر،،
مۇھەببەتلىشىش بولسا بەخت،،
داۋاملىق بىرگە مېڭىش بولسا جاسارەت،،
ئاخىرلاشقان بولسا ئۆزىگە يۈز كېلەلمەسلىك،،
بۇلۇپمۇ ئاياللار، ئەرلەرنىڭ سىلەرگە بولغان مۇھەببىتىنى ھۇقۇق دەپ چۈشىنىۋالماڭلار،مۇھەببەت بەختلىك بۇلىمەن دەيدىكەنسىز چۈقۇم قۇربانلىق بېرىشىڭىز ، ئەجىر قىلىشىڭىز كېرەك،،
ئەگەر سىز بۇ مۇھەببەت جەريانىدا ، ھەقىقەتەن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىڭىزلا بولدى ، لېكىن ياخشى ئۆزىڭىز ئويلىغاندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىڭىز ئۇنداقتا ئايرىلىپ كېتىڭ ،،ئۇنداقتا سىز مۇھەببەتتە ئادەمنى توغرا تاللىيالمىغان بۇلىسىز ،،
ئۆز ۋاقتىدا ۋاز كېچىش بولسا بىر خىل ئاقىلانىلىك ،،
قانداق بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر،،بىز ھەممىمىز سۆيگەن ۋە سۆيۈلگەن چاغدا، پەقەت شۇ ۋاقىتنى ياخشى قەدىرلەشنىلا ئارزۇ قىلىمىز،،، ئەمىلىيەتتە قەلبىمىز ئازاپلىنىپ ئازاپ تارتساقمۇ، ھېچنىمىدىن ئاغرىنماسلىقىمىز كېرەك،،ھېچ بولمىغاندا سىز باشقىلار تەرىپىدىن ھەقىقى سۆيۈلدىڭىز ھەم ھەقىقى سۆيۈپ باقتىڭىز ئەمەسمۇ؟!
ئاللا بارلىق ئاشىق- مەشۇقلارنى مۇرادىغا يەتكۈزگەي،،،
历史上的今天:
شىرنىڭ ئېشەكنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋېلىشى 2008-11-24ئەﺧﻤﻪﺗﭽﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ توغرىسىدا 2008-11-24سادىر پالۋان توغىرسىدا 2008-11-24ﺋﻪﺑﯘ ﻧﺎﺳﯩﺮ ﻓﺎﺭﺍﺑﻰ 2008-11-24随机文章:
كوچىدىلا سۆيشۈپ تۇرغانلارغا قاراپ.-مۇسلىنە 2008-11-18سىز توي قىلىپ قانچىنچى يىلىغا كەلدىڭىز؟ 2008-11-17فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلار 2008-11-14
收藏到:Del.icio.us






评论