• قەدىمقى خوتەننىڭ ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى

    2008-11-28


    خوتەن ئۇزۇن تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ ، خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىراق قەدىمكىي ئەجدادلىرى بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق بىلەن شوغۇللىنىپ ، ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرغان .
            ئىپتىدائى ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن شۇغۇللانغان ئەمگەك پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئوۋچىلىق  خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىقدىسادىي تۇرمۇشىدا يىراق قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا ، خېلى مۇھىم ئورۇن يۇتۇپ كەلگەن ؛ ئوۋچىلىق ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەييار نېممەت بولغان ھايۋانلارنى ئوۋلاشنى تۇرمۇش ۋاستىلىرىنىڭ مەنبەسى قىلغان ئىگىلىكتىن ئىبارەت بولۇپ ، ئىنسانلار تەرەققىياتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئەمگەك تېخنىكىسى تۆۋەن ۋە قۇرال سايمان ئاددىي بولغاچقا ، كىشىلەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەييار ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىش بىلەنلا كۈن كەچۈرەتتى . ئۇ چاغدا ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى يېغىشتىن باشقا ئوۋچىلىق قىلىش ، تۇرمۇش ۋاستىلىرىگە ئىگە بولۇشتىكى  ئەڭ ئاساسلىق پائالىيەت ئىدى .
    خوتەن  ئۇيغۇرلىرىمۇ يىراق قەدىمقى زامانلاردىن باشلاپلا ، ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى قەدىمقى كۆچمەن  چارۋىچى  خەلقلەرگە ئوخشاش قاراقۇرۇم ، ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى ئارىلىقىدىكى پايانسىز زېمىندا دېھقانچىلىق بىلەن شوغۈللىنىشتىن سىرت ھايۋانلارنى قولغا ئۆگىتىپ بېقىش ، كۆپەيتىش يولى بىلەن چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ ئىگىلىكنى يۈكسەلدۇرگەن.
    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، خوتەن ۋىلايىتىدە  ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك  قېدىرىپ تەكشۈرۈشلەردە  بايقالغان نىيە ، كىرىيە، لوپ قاتارلىق جايلاردىكى كونا ۋە يېڭى تاش قۇرال دەۋرىگە  تەئەللۇق دەپ قارىلىۋاتقان ئالتە ئورۇندىكى قەدىمقى ئىزلاردىن ، كونا ۋە يېڭى تاش قۇرال دەۋرى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ، تاشنى يونۇش ، چوقۇش ئۇسۇلىدا ياسالغان تاش قۇراللار ، تاش  مېغىزى ، تاش ياپراقچە ، كېسىش قۇرالى قاتارلىق قۇراللار يىغىۋېلىندى ؛ بولۇپمۇ يېقىندا شىنجاڭ  ئارخېئولوگىيە  تەتقىقات ئورنى كىرىيە ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىن 77 كىلومېتىر يىرقلىقتىكى كەڭسۇلاق (باشقانسۇرا)دەيدىغان جايدىن تاش قۇرال دەۋرى ئىزىنى تاپتى . ئۇزۇنلۇقى 2000- 3000 مېتىر كېلىدىغان خارابە ئىزىدىن 173 دانە تاش قۇرال يېغىۋېلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇششاق تاش ياپىراق ، قىرغۇ قۇراللىرىۋە تاشتىن ياسالغان يا ئوقى بېشى قاتارلىقلار بار . يىغىۋېلىنغان تاش قۇراللارنى كۈزىتىش ، تەھلىل قىلىشقا قارىغاندا ، بۇ خارابە ئىزى يېڭى تاش قۇراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ياكى ئوتتۇرا تاش قۇراللار دەۋرىگە مەنسۇپ ئۇششاق تاش قۇرال خارابە ئىزى ئىكەنلىگى چىقىپ تۇرىدۇ .
            خوتەننىڭ قەدىمقى  زامان ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنى بىر قەدەر روشەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ماتېرىيال قىياتاش سۈرەتلىرىدىكى ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىققا دائىر كۆرۈنۈشلەردۇر . قاراقۇرۇم تېغى ئىچىدىن خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىراق قەدىمقى  ئەجدادلىرىنىڭ ئىپتىدائى ئوۋچىلىق دەۋىرىدىن تارتىپ ، ھايۋانلارنى قولغا ئۆگىتىش دەۋىرىگە قەدەر بولغان ئۇزۇن تارىخى دەۋىردىكى ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق ئىجتىمائىي پائالىيىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن قىياتاش سۈرەتلىرى بايقالدى . ئۇلار سانجۇ قىياتاش سۈرەتلىرى ، كېيىك تۈز قىياتاش سۈرەتلىرى ، ۋە كەڭغاز قىياتاش سۈرەتلىرىدىن ئىبارەت . سانجۇ قىياتاش سۈرەتلىرىدە تەنھا بىر ئوۋچىنىڭ ئوقياسىنى مەلۇم ھايۋانغا چەنلەپ ئوق ئۈزىۋاتقان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى بىلەن بىر نىقاپلىق ئادەمنىڭ ئاتنى يېتىلەپ مېڭىۋاتقان ھالەتتەكى كۆرۈنۈشى سۈرەتلەنگەن . بۇ كۆرۈنۈش ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياۋا ئاتلارنى ئوۋلاپ ، قولغا كۆندۈرۈپ سەپەردە ، ئوۋدا ، مال بېقىشتا ، يۈك توشۇشتا ۋە يول يۈرۈشلەردە ئىشلىتىپ ، قاتناش ئېھتىياجىنى قامدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ .
            كېيىك تۈز قىياتاش سۈرىتىدە  ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان يەتتە خىل ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى سىزىلغان بولۇپ ، بەزى سۈرەتلەردە ھايۋانلارنىڭ سەزگۈر، شاش ياۋايى خۇسۇسىيەتلىرى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن بولسا ، ئادەم سۈرەتلىرىدە ئادەملەرنىڭ ھەر خىل ھەركەتلەرنى قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى ئۇستىلىق بىلەن سىزىلغان . كەڭغاز قىياتاش سۈرىتىدە ئاساسەن بىر تاغ تېكىسىنىڭ قوتانغا كىرىۋاتقان ھالىتى ، قوتاننىڭ ئالدىدىكى دەريانىڭ باش تەرىپىدە ، ئوتتۇرىدا ئۈچ تاغ تېكىسىنىڭ ئوتلاۋاتقان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن . بۇ سۈرەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قولغا ئۆگىتىپ ئۆي ھايۋانلىرىغا ئايلاندۇرۇش دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ،  ئەجدادلىرىمىزنىڭ دەسلەپكى قەدەمدىكى ئىپتىدائى ئوۋچىلىقتىن قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرلەپ ئوتخور ياۋايى ھايۋانلارنى تۇتۇپ قولغا ئۆگىتىش  ، كۆندۈرۈش ۋە بېقىپ كۆپەيتىش ئارقىلىق چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ . بۇ قىياتاش سۈرەتلىرى 1953- يىلى غەربىي شىمال مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەكشۈرۈش ئەترىتى تەرىپىدىن بايقالغان  بولۇپ ، تارىخشۇناس ۋە ئارخېئولوگلار ئەسلى نۇسخىسىنىڭ  كەم دېگەندە بۇنىڭدىن 4000 يىللار ئىلگىرى ئويۇلغانلىقىنى ، كېيىنكى تولۇقلانغان ۋاقتىنىڭ 7 – ئەسىرگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشمەكتە .
          يۇقىرىقىلاردىن باشقا،  خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلار ۋە قۇم ئاستىدا قالغان ئىپتىدائى شەھەر – قەلئە ، خارابىلەردىن گۇما ناھىيىسىدىكى غازى غوجام مازىرى ، قىزىل تام قۇملۇقى ، قاراقاش ناھىيىسىدىكى زاۋا بوستانلىقى ، خوتەن ناھىيىسىدىكى مىلىك ئاۋات قەدىمقى شەھەر خارابىسى ، سامپۇل قەدىمقى قەبرىستانلىقى ، ئاقسېپىل قەدىمقى شەھىرى ، ئودۇنتات قەدىمقى شەھەر خارابىسى ، كىرىيە كۆكيار قېيماشېھىدان خارابىسى ، قاتارلىق قەدىمكى خارابىلەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائى ئوۋچىلىق ، چارۋىچىلىق دەۋرىدە ئىشلەتكەن  تاياق - توقماق ، نەيزە ، ئاي پالتا ، مىس ، تۆمۈر قاتارلىق ھەر خىل مېتال بۇيۇملاردىن ياسالغان ئوق بېشى ، قومۇشتىن ياسالغان ئوق سېپى ۋە ئوقدان ، ئوقيا خالتىسى قاتارلىقلار تېپىلدى . 1994 – يىلى 10- ئايدا جۇڭگو- فىرانسىيە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكى ئارخېئولوگلاركىرىيە دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا «يۇملاق قۇم كونا شەھەر خارابىسى»نى بايقىدى ، بۇ شەھەر نۆۋەتتە شىنجاڭدا بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى قەدىمقى شەھەر . بۇ شەھەرنىڭ  ئىچى ۋە سىرتىدىن  قوي، تۆگە، ئات، ئشەك، كالا، ئىت  قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ  سۆڭەكلىرى بايقالدى. بۇ مۇشۇ زېمىندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ ئۆي ھايۋانلىرىنى  ئېغىل – قوتانلاردا كۆپلەپ بېقىپ چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇنلانغانلىقىنى ئىسپاتلىسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، بۇغا ، توشقان ، قۇش سۆڭەكلىرىنىڭ تېپىلىشى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇنلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . نۇرغۇن تۆگە سۆڭىكىنىڭ تېپىلىشى كىشىلەرنىڭ تۆگىنى قاتناش قورالى ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . مىلادىدىن ئىلگىرىكى 5 – ئەسىردە خوتەن دائىرسىدىكى ئودۇن ، ئۇزۇنتات ، نىيە ، روڭلو ، چىرا ، گۇما قاتارلىق بەگلىكلەر كۆچمەن چارۋىچىلىق ئىگىلىكىدىن تېرىقچىلىق جەمئىيىتىگە قەدەم قويغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى جەھەتتە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ ، قوشۇمچە چارۋىچىلىقنى يولغا قويغان بولۇپ ، چارۋىچىلىقتا ئات ، كالا ، قوي ، تۆگە، ئېشەك ، قوتاز ئاساس قىلىنغان . « شىزاڭ تەزكىرىسى» دە خاتىرىلىنىشىچە : «خوتەن دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى كەڭ رايونلاردا  ئكت – چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن بولۇپ ، دول ، ھاڭكى قاتارلىق ناھايىتى ياخشى چارۋىچىلىق رايونى ئىدى» . «ياخشى ئات ، تۆگە ، قېچىرلىرى بار.»دەپ خاتىرە قالدۇرۇلغان .....
    (مەندىكى ماتىرىيالدا ئاخىرى يوق بولغانلىقتىن بۇ مەلۇماتنى ئۇچراتقان باشقا يولداشلارنىڭ تولۇقلاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن)
    مەنبە : « ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى» 2000 – يىلى8 – ئاينىڭ 24– كۇنى

    收藏到:Del.icio.us