-
چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى دەسلەپتىكى يىللىرى ( 1780- يىللار ) يەركەندە تۇرغان خان ئامبال خوتەن ئەھۋالىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ، خوتەندىن بىر كىشىنى يەركىنگە ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىشنى بۇيرۇيدۇ . خوتەن ، قارقاش تىۋەت يېزىسىنىڭ چاقار كەنتىدىكى ھېزىم ئاخۇن دېگەن كىشىنى ۋەكىل قىلىپ ئەۋەتىدۇ .
ھېزىم ئاخۇن يەركەندىكى خان ئامبالغا خوتەن خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى يەتكۈزۈپ ، يېقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن « ھەششا قىز » دېگەن مەنسەپكە ئېرشىدۇ . شۇنىڭدىن كىيىن ، ھېزىم ئاخۇن خان ئۈچۈن ساداقەت كۆرسىتىپ ۋە مەنسىپى بارا – بارا ئۆسۈپ ، « ئىشقى بەگ » دەپ نام ئالىدۇ . كېيىن خوتەنگە ھاكىم قىلىپ ئەۋەتىلىدۇ ۋە ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ھېزىمشاھ ، ھېكىمنەگ دەپ ئاتىلىدۇ .
ھېزىم ھېكىمبەگنىڭ 1780 – يىلدىن 1949 – يىلىغىچە بولغان 169 – يىل ئىچىدە ئالتە ئەۋلادى ئۆتىدۇ . ئۇلار : ھېزىم شاھ ھېكىم ئوغلى خۇش كېپەك ، خۇش كېپەك ئوغلى مۇبارەك شاھ ھېكىم ، مۇبارەك شاھ ھېكىمنىڭ ئوغلى مۇھەممەت ئىلى گۇڭ ، مۇھەممەت ئىلى گۇڭنىڭ ئوغلى مۇسا گۇڭ ، مۇسا گۇڭنىڭ ئوغلى ناسىر گۇڭ ، ئەپرۇز گۇڭ ، زايىت گۇڭ ، ئىمىن ئەلەم ، مۇھەممەتخان گۇڭ قاتارلىق بىر قانچە چوڭ – كىچىك ئوغۇل – قىز « گۇڭ » لادىن ئىبارەت بۇلۇپ ، ھېزىم شاھ ھېكىمنىڭ مەنسەپ ۋارىسلىرى مۇھەممەت ئىلى گۇڭ زامانىدىن باشلاپ « گۇڭ غوجىلار » دەپ ئاتىلىدۇ .
گۇڭلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە كۆپلىگەن بوز يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىشتىن سىرت، قارقاش دائىرىسىدە « ئاق مەدرىسە » ، « چوڭ مەدرىسە » ، « قوخ كۆل مەسچىت » ، « چاقار مەدرىسە » ، « سىرلىق مەسچىت » قاتارلىق تۆت جايدا مەدرىسە ، تۆت جايدا مەسچىت سالدۇرىدۇ . 2000 مودىن ئارتۇق يەرلەرنى مەدرىسە ، مەسچىتلەرگە ۋەخپە قىلىپ ئايرىپ بېرىدۇ .
كېيىن خان يارلىق چۈشۈرۈپ ، قاراقاشتىن 50 ئۆيلۈك يوقسۇل دېھقاننى گۇڭلانىڭ خىزمىتىگە قويىدۇ . ئۇلار يىل بويى گۇڭلانىڭ بوز يەر ئېچىش ، تېرىلغۇ يېرىگە ئىشلەش ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش قاتارلىق ئېغىر ئەمگەكلەنى قىلىدۇ . كېيىن زۇلۇمغا چىدىماي ، ئامبالغا ئەرز شىكايەت قىلىدۇ . ئامبال بىڭ دارىن بېيجىڭدىكى خانغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ، خان 50 ئۆيلۈك دېھقانلارنى گۇڭلارنىڭ خىزمەتتىن بوشتىۋېتىدۇ . گۇڭلارنىڭ تۈرلۈك خىراجەت چىقىملىرىنى قاراقاش تەۋەسىدىكى تۇياق بېجى ئارقىلىق قامداش بەلگىلىنىدۇ . ئۇزاق ئۆتمەي ئايلىق مائاش بېرىش يولغا قۇيۇلىدۇ .
گۇڭلار ئۆزلىرىنىڭ تەخىتىگە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز دەرگاھىدا 16 قوراللىق ئەسكەر تۇرغۇزۇپ ، ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولىدۇ . بىراق ، بەدۆلەت جەنۇبىي شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 14 يىل ئىچىدە ، ئۇلانىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى ئاجىزلاپ كېتىدۇ . بەدۆلەت ھاكىمىيتى ئاغدۇرۇلغاندا ، گۇڭلانىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنى قايتا تىكلىنىپ ، ھۆكۈمرانلىق قىلىش دائىرسىمۇ كېڭيىدۇ ۋە سىيىت گۇڭ يېڭسار ناھىسىگە گۇڭ ، ناسىر گۇڭ ئامبال ، زايىت گۇڭ ھەربىي باشلىق قىلىپ تەيىلىنىدۇ . كېيىن زايىت گۇڭ غولجا ، ئاقسۇ ، كۇچار ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ۋالىي ، بانكا باشلىقى بۇلۇپ ئىشلەيدۇ .
كېيىنكى تەخت ۋارىسلىرىدىن ئەپرۇز بەگ قارقاشتا مىڭ بېگى ( ئىككى مىڭ كىشىگە ) بولىدۇ ، مۇھەممەتخان غوجا قاراقاشنىڭ بېگى ، ماخوسەن دەۋرىدە ئامبال ، گومىنداڭ دەۋرىگە كەلگەندە ، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىغا رەئىس بولىدۇ . ئۇ 1948 – يىلى ۋاپات بولىدۇ .
ئىمىن ئەلەم 1933- يىلى يەركەننىڭ ۋالىيسى ، ماخوسەن دەۋرىدە قاراقاشنىڭ ئامبىلى بولىدۇ ، كېيىن شېڭ شىسەي تەرپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ئۆلتۈرلىدۇ .
چىڭ سۇلالىسى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن بۇ گۇڭ – غوجىلار ئىچىدە ئالتىسى قاراقاشنىڭ تىۋەت يېزا چاقار مەدرىسە ئالدىدىن ئۆزىگە مەغپىرە تىكلەيدۇ .
شېرىپ نىياز خۇشتار يازغان ( شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر ) دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى .
ماقالىنى كۆچۈرگەندە مەنبەسىنى ئەسكەتىشنى ئۇنۇتماڭ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ .
收藏到:Del.icio.us





