-
ئابلىز ھۇشۇر-"چىڭگىزخان"داموللا
2008-11-28
تۈرى:
1912–يىلى 1–ئايدا بۈگۈر ناھىيە يىڭسار يېزىسىدا موللا ھۇشۇر داموللا ھاجى دىگەن دىننىي زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئابلىز ھۇشۇر ئۇيغۇر ،خەنزۇ،ئەرەپ ئىنگىلىس ،پارىس تۈرۈك تىلى قاتارلىق تىل بىلىدىغان يۇقىرى مەلۇماتلىق تەرجىمان ئىدى.
ئۇ 16 ياشقىچە(1928–يىلىغىچە) ئائىلە تەربىيسىدە بولىدۇ ۋە ئاتىسى موللا ھۇشۇر داموللا ھاجىدا ئوقۇيدۇ.1928–يىلىدىن 1931–يىلىغىچە كۇچا ناھىيسىدە مۇسەننىپ داموللىدا ئوقۇيدۇ.شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوقۇشى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەندىرىپ دىگەن نام بىرىلىدۇ.(بۇ ئەرەپچە سۆز بولۇپ مەنىسى ‹بۇلبۇل›دىگەن بولىدۇ)1932–يىلىدىن1934–يىلىغىچە ئۈچ يىل قەشقەر خانلىق مەدرىسەدە داموللا ئۈنۋانىنى ئالىدۇ.1936–يىلغىچە ھىنداستانغا بېرىپ، ئىككى يىل دىننىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1937–يىلدىن1942 –يىلىغىچە ئالتە يىل مەككىدە ئوقۇيدۇ ھەم ئوقۇتقۇچى بولىدۇ.1942–يىلىدىن1946–يىلىغىچە مىسىردا تۆت يىل ئوقۇيدۇ ھەم جامىل ئەزھەر ئۇنىۋىرىستىدا ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. ئۇ 35 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا مىسىرنىڭ ئەزھەر دىگەن ئاتاقلىق مەكتىپىدە ھەرقايسى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقى، پادىشاھلىرى ۋە دىننىي ئۆلىمالىرىنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ يېغىنىدا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن چۈشكەن سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىنىڭ توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ قېتىملىق چوڭ يېغىندىلا مىسىرنىڭ پادىشاھى پاراخ ئۇنى ماختاپ ،‹‹بۈگۈندىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ چىڭگىزخان بولسۇن،چۈنكى بۇرۇندا جۇڭگۇدا چىڭگىزخان دىگەن بىر كىشى ئۆتكەن .سەن جۇڭگۇدىن 2–قېتىم چىققان چىڭگىزخان ››دەيدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىسمى ‹‹چىڭگىزخان ››دەپ ئاتىلىدۇ.(چىڭگىزخان دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ‹‹ئاتاقلىق›› ‹‹مەشھۇر›› ،‹‹ناھايىتى كۈچلۈك››،‹‹بويسۇندۇرغۇچى››دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ.)ئۇ مىسىردىن ئەرابىستانغا بېرىپ مەھمۇد مۇھىيتى (سىجاڭ) بىلەن كۆرۈشىدۇ.ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياپونىيەگە بارىدۇ .كىيىن مەھمۇد مۇھىيتى بىلەن بىللە بېيجىڭغا كىلىدۇ.ئەينى چاغدا شىڭ شىسەي شىنجاڭدا كومىمۇنىستلارنى ،ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنى،زىيالىلارنى تۇتقۇن قىلىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاڭلاپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلمەي نەنجىڭ داشۆ ئۇنىۋېرىستىدا ئوقۇيدۇ.مەھمۇد مۇھىيتى ۋاپات بولغاندا نامىزىنى چىڭگىزخان چۈشۈرۈپ يەرلىكىدە قويىدۇ.
چىڭگىزخان بىر مەزگىل جۇڭگۇنىڭ مىسىردىكى باش ئەلچىخانىسىدا ئىشلەپ ،1947–يىلى 1–ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كلىدۇ.تۇغقانلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۈگۈر ،يىڭسارغا بېرىپ ئۈچ ئايدەك تۇرغاندا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجوڭ ،مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىملار ماشىنا ئەۋەتىپ ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كىلىدۇ ۋە ئۈ ئىچكى ئىشلار نازارىتىدە بۈلۈم باشلىقى ،قوشۇمچە، سەنمىنجۇيى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ بۇ كۈنلەردە ئۇ يەنە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. بۈگۈر ۋەكىلى بولۇپ شۇ يىلى 1–ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن گومىنداخۇي (مىللىي قۇرۇلتاي) غا قاتنىشىدۇ.قايتىپ كەلگەندىن كىيىن دىننىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بولىدۇ.
چىڭگىزخان قىسقىلا ھاياتىدا ‹‹سەر پۇل ۋىجدان››، ئۇيغۇر شەرفى›› ،‹‹قەلبى ئاسىيا››،‹‹تۈركىستان ۋدۇتلىرى›› قاتارلىق بىر قانچە پارچە ئەسەر يازىدۇ ۋە كۆپلىگەن دىننىي كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىدۇ.
1949–يىلى 7–ئايلاردا چىڭگىزخان يۈرتى بۈگۈردە تۇرۋاتقاندا 9–ئاينىڭ21–كۈنى ئۈرۈمچىدە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسابەگ قاتارلىق كىشىلەر بۈگۈرگە كىلىپ ،چىڭگىزخان بىلەن كۈرۈشۈپ ،ئۇنى چەتئەلگە چىقىپ كىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كىتىدۇ.چىڭگىزخان چىگرىدىن ئۆتەلمەي يەركەنگە كىلىپ تۇرۇپ قالىدۇ.كىيىن قەشقەرگە چاقىرتىلىپ ،ھۆكىمەت ئۇيۇشتۇرغان قەشقەر ،ئاقسۇ،دىننىي زاتلىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە قاتناشتۇرىلىدۇ .ئۈچ ئايدىن كىيىن قەشقەردە قولغا ئېلىنىپ 1950–يىلى 7–ئايدا ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكىلىدۇ ۋە1952–يىلنىڭ ئاخىرى ئۈلۈم جازاسى بىرىلىدۇ.شېرىپ نىياز خۇشتار يازغان ( شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر ) دېگەن كىتابتىن ئېلىندى .
ماقالىنى كۆچۈرگەندە مەنبەسىنى ئەسكەتىشنى ئۇنۇتماڭ !
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ .
随机文章:
تارىخ بەتلىرىدىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى 2008-11-24خېلسىنكىيدىكى تۇنجى كۈن 2008-11-14فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇرچە كىتابلار 2008-11-14مەن ئۇيغۇر! 2008-11-14چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن ماڭغان يوللىرىم 2008-11-14
收藏到:Del.icio.us





